چەت ئەل ئارخېولوگلىرى تەرىپىدىن «تەبىئىي مۇزېي» دەپ نام ئالغان قەدىمىي دىيار تۇرپان ئۆز قوينىدا يوشۇرۇپ ياتقان ئاجايىپ مول مەدەنىي مىراسلىرى بىلەن خېلىدىن بېرى ئېلىمىز ۋە چەت ئەللەردە داڭق چىقىرىپ ، ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىنىپ كەلمەكتە .
يارغول كونا تاش قورال ئىزلىرى
بۇ ئىز دۇنياغا داڭلىق يارغول قەدىمىي شەھەرنىڭ غەربىدىكى غولنىڭ 4 - پەلەمپەي سۇپىسىدا بولۇپ ، كونا تاش قورال ئىزىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 5000 كۋادرات مېتىر كېلىدۇ . بۇ قەدىمكى ئىزغا تارقالغان تاش قوراللارنىڭ تۈرلىرى ئاساسەن تاش قورال ماتېريالى (تاش قوراللارنى ياساش مەخسۇس تاللانغان تاش ماتېرىيالى ) تاش مېغىز ، تاش قىرغۇچى ئەسۋاپ ،تاش بۇرغۇلاش قورالى ، تاش ئويمىچىلىق قورالى ،تاش ياپرىقى ، تاش پىچاق ، تاش بۆسۈش قورالى ،ئۇچلۇق بۆسۈش قورالى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .
پىچان چىقتىمدىكى 80 چاقىرىملىق چوڭقۇر كونا تاش قورال ئىزى
بۇ ئىز پىچان ناھىيىسى تەۋەسىدىكى 80 چاقىرىملىق چوڭقۇرلۇقتا بولۇپ ، 1996 - يىلىدىكى بىر قېتىملىق قىسقا مۇددەتلىك تەكشۈرۈش داۋامىدا بايقالغان . تەكشۈرۈشتە تاش ماتېرياللىرى ، تاش مېغىزى ، تاش پىچاق ، تاش ياپرىقى ، تاش قىرغۇچ ، تاش ياپراقچىسى شەكىللىك قورال قاتارلىقلار تېپىلغان .
ئاستانە يېڭى تاش قورال ئىزلىرى
بۇ ئىز تۇرپان شەھىرىنىڭ 37 كىلومېتىر يىراقتىكى ھازىرقى ئاستانە يېزىسىنىڭ غەربىي شىمالىدا ، ئاستانە قەدىمكى قەبرىستالىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا بولۇپ ، ئىزدىن ئىلگىرى - ئاخىرى بولۇپ تاش ئوغاق ، تاش پالتا ، تاش پىچاق ، تاش ياپرىقى ، تاش ئۇرچۇق ، تاش قىرغۇچ ، تاش ئوق ئۇچى قاتارلىق تاش قوراللار يىغىۋېلىنغان .
يارغول يېڭى تاش قورال ئىزى
بۇ ئىز تۇرپان شەھىرىگە تەخمىنەن 15 كىلومېتىر كېلىدۇ . ئومۇمىي كۆلىمى 1000 كۋادرات مېتىر . بۇ ئىزدىن تېپىلغان تاش قوراللار تۈر جەھەتتىن ئاساسەن ئۇچلۇق بۆسۈش قورالى ، تاش قىرغۇچ ، تاش ياپرىقى قاترالىقلاردىن ئىبارەت .
پارچە ساقال يېڭى تاش قورال ئىزى
بۇ ئىز تۇرپان شەھىرىنىڭ غەربىي شىمالىغا تەخمىنەن 60 كىلومېتىر كېلىدىغان يەردە بولۇپ ، تېپىلغان تاش قوراللار ئىچىدە تاشنى بىر - بىرىگە سۈركەپ بىلەش ئارقىلىق بىس چىقىرىلغان ، كۆپ قېتىم پىششىقلانغان ، خېلى نەپىس ئىشلەنگە تاش پالتا بار .بۇنىڭدىن باشقا ، تاش توپ ( سالغا ئوقى ) ، يارغۇنچاق تېشى ، تاش ياپرىقى قاتارلىق بۇيۇملار بار .
سۇ بېشى يېڭى تاش قورال ئىزى
بۇ ئىز پىچان ناھىيىسى تۇيۇق يېزىسى سۇ بېشى مەھەللىسى تەۋەسىدە بولۇپ ، كۆلىمى تەخمىنەن 1000 كۋادرات مېتىر كېلىدۇ . بۇ ئىزدىن چوڭ تىپتىكى چاسا يارغۇنچاق تېشى ، بىلەي تېشى ، تاش پالتا ، تاش ياپرالىرىدىن ئىشلەنگەن تاش قوراللار ۋە نۇرغۇن ساپال قاچا ۋە ساپال پۇچۇقلىرى تېپىلدى .
ئايدىڭكۆل يېڭى تاش قورال ئىزى
بۇ ئىزمۇ يۇقىرىدا تونۇشتۇرۇلغان يېڭى تاش قورال مەدەنىيەت ئىزلىرىغا ئوخشاشلا تۇرپان ئويمانلىقىدا ياشىغان قەدىمكى خەلقلەردىن قالغان قىممەتلىك مەدەنىيەت مىراسى بولۇپ ، بۇ ئىزدىن تاش پالتا ، تاش قىرغۇچ قاترالىق تاش قوراللار ۋە رەڭلىك ساپال بۇيۇملاردىن ئىۋرىق ، كومزەك قاتارلىقلار تېپىلغان .
كۆجەي يېڭى تاش قورال ئىزى
بۇ ئىز توقسۇن ناھىيىسىنىڭ غەربىي شىمالىي تەرپىدە بولۇپ ، توقسۇن بازىرى بىلەن ئارىلىقى 64 كىلومېتر ، كۆلىمى 300 كۋادرات مېتىر كېلىدۇ . بۇ ئىزدىن ساپال ئىدىش ، ساپال كوپ ، ساپال كومزەك ، سىرتىغا گۈل نەقىشلەنگەن ساپال كومزەك ، قورساقلىق قولاقسىز ساپال كومزەك ، يالاڭ قۇلاقلىق سپال كومزەك قاتارلىقلار تېپىلغان .
ئويمانبۇلاق تاش قورال ئىزى
بۇ ئىز توقسۇن ناھىيىسى غولبويى يېزىسىنىڭ شەرقىدە بولۇپ ، بۇ ئىزدىن بىر قىسىم تاش قورال ئەۋرىشكىلىرى ، قۇم ئارلاشتۇرۇلغانكۈل رەڭ ساپال ۋە قىزىل ساپال ئەۋرىشكىلىرى ، بىگىز شەكىللىك ئۇچلۇق تاش قورال ۋە پىششىقلانغان ياپراقچە تاش قورال قاتارلىقلار تېپىلغان . دەۋرى يېڭى تاش قورال دەۋرىگە توغرا كېلىدۇ .
تاشقىنئېرىق تاش قورال ئىزى
بۇ ئىز پىچان ناھىيىسى لۈكچۈن بازىرى ئۈچكۆۋرۈك كەنىتى تەۋەسىدە بولۇپ ، ئومۇمىي كۆلىمى 600 مىڭ كۋادرات مېتىر كېلىدۇ . تەكشۈرۈش داۋامىدا ، بۇ قەدىمكى ئىزدىن بۇمىلاق شەكىلدىكى تاش مېغىزى ، تاش ياپرىقى ۋە باشقا شەكىلدىكى تاش قوراللارنىڭ بارلىقى بايقالغان . بۇ يەردىن تېپىلغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى يېڭى تاش قورال دەۋرى مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە .
قىزىلقۇم يېڭى تاش قورال ئىزى
بۇ ئىز پىچان ناھىيىسى لەمجىن بازىرى چۇۋانقىر تەۋەسىدىكى يۇتۇق مەھەللىسىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا ئۈچ كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا بولۇپ ، ئومۇمىي كۆلىمى 200 مىڭ كۋادرات مېتىر كېلىدۇ . يىغىۋېلىنغان تاش قوراللار ئىچىدە بىر قىسىم تاش ياپراقلىرى ، پىششىقلانغان ياپراقچە تاش قوراللار ، تاش مېغىزى قاتارلىق تاش قوراللار ھەمدە گىومېتىرىيىلىك شەكىلگە كەلتۈرۈپ ياسالغان ئەنەنىۋى تاش قوراللارمۇ بار . دىغار تاش قورال ئىزى
بۇ ئىز پىچان ناھىيىسى دىغار يېزىسى دىغار كەنتىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي تەرپىگە 800 مېتىر كېلىدۇ . كۆلىمى 3 كۋادرات مېترى . بۇ ئىزنى تەكشۈرۈش داۋامىدا قايتا پىششىقلاپ ئىشلەنگەن سىپتا تاش ياپرىقى ، كەڭ شەكىللىك تاش ياپرىقى،يايماسىمان كەڭ ەكىللىك تاش ياپرىقى، يايمىسىمان بىسلىق قىرغۇچى ئەسۋاپ بېشى، يۇمىلاق تاش ياپرىقى، تاش مېغىزى قاتارلىق تاش قوراللاردىن خېلى نۇرغۇن تېپىلغان . بۇ ئىزنىڭ يىل دەۋرى ھەققىدە مۇكەممەل تەتقىقات ئېلىپ بېرىشقا توغرا كېلىدۇ .