تۈركىي خەلىقلەرنىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئۇلۇغ مۇتەپپەككۇرى ۋە پەيلاسوپ ئالىمى ئەبۇ نەسىر فارابى 870 - 
يىلى ئىسسىق كۆلىنىڭ جەنۇبىدىكى بالاساغۇن شەھرىگە قاراشلىق فاراب قىشلىقىدا تۇغۇلغان. فارابى بالىلىق چاغلىرىدىن تارتىپ ئوتتۇز ياشقا كىرگۈچە ئانا يۇرتىدا ھىساب ئىلىمى، پەلسەپە، شەرىئەت ئىلىمى، تەرىقەت
ئىلىمى، تەفسىر، ھەدىس، تىۋىپلىق، ئەدەبىيات،
دىن، ئەخلاق، مۇزىكا، ئىلىمى نۇجۇم ئاستىرونومىيە) قاتارلىق
پەنلەر بويىچە ئەتراپلىق بىلىم تەھسىل قىلىپ، كېيىن ئۆگەنگەن بىلىملىرىنى يەنىمۇ تولۇقلاش مەقسىتىدە ئەينى زاماندىكى ئىسلام خەلىپىلىكىنىڭ مەركىزى باغدادقا بارىدۇ. ئۇ يەردە، ئۇ ئەرەب ئالىملىرىدىن ئەرەب تىلىنى،
خىرىستىئان دىنى مۇتەپپەككۇرلىرىدىن گىرىك تىلى، پەلسەپە، لوگىكا ۋە تىبابەتچىلىك بىلىملىرىنى قېتىرقىنىپ
ئۆگىنىدۇ. بۇ ئەزىز ھەزرىتى ئىمام مۇھەممەد غەززالى، ھەزرىتى ئىمام پەخىرى رازىلاردىن ئارتۇق كامالەت تاپقان،
ۋە پەنلەردە دىنى ۋە پەننى ئىلىملەردە ئىبىن سىنادىنمۇ ئۈستۈن ئىدىكى، ھەتتا شاھمات، نەرد ئويۇنلىرىغىچە
بىلمەيدىغىنى يوق ئىدى. ئىلىمى تەتقىقات ساھەسىدە كۆرسەتكەن ئاجايىپ تىرىشچانلىقى ئەللىك يېشىدا ئۇنى
ئىلىم دۇنياسىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتارىدىكى ۋەكىللىرىدىن بىرى، ئۆزى دەۋرىنىڭ تەڭداشسز پەيلاسوپ ئالىمى
سۈپىتىدە دۇنياغا
تۇنىتىدۇ. جۈملىدىن فارابى مۇزىكا ئىلىمىدىنمۇ ناھايىتى يىتىلگەنىدى. قالۇننى ئۆز قۇلى بىلەن
ياساپ، سىم تارتىپ چالغان ۋە سازەندە شاگىرتلىرىغا ئۆگەتكەنىدى. راك، ئۇششاق مۇقاملىرىنى ۋە ئۇششاقنىڭ
مەرغۇللىرىنى ئىجاد قىلىپ ئالەمگە يايغان ھەم شاگىرتلىرىغا ئۆگەتكەن ئىدى. ھازىرمۇ ھەممە سازەندىلەرگە
مەلۇم بولغان ئۆزھال مۇقامىنى ۋە ئۇنىڭ بىرىنجى، ئىككىنجى، ئۈچىنچى مەرغۇللىرىنى كەشىپ قىلغانىدى.«رىسالەئى مۇغەننىيۇن» (سازەندىلەر رىسالىسى) دېگەن كىتابىدا :«مۇزىكىنىڭ تىلسىز مۇڭلىرى ئىنساننىڭ روھىغا مەنىۋى
ئوتنى تۇتاشتۇرغۇچى ئامىلدۇر، ئەگەر ئۇنىڭغا شېئىر قۇشۇلسا، ئۇ مۇڭنىڭ نېمە ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ» دەپ
ئېيىتقان ۋە يەنە :«يۈز يىل ئىبادەت قىلىپ ئالالمىغان پەيزىنى مېنىڭ قالۇنۇمنىڭ سىملىرىدىن ئالغايسىلەر» دېگەن. بۇ ئەزىز تۈرلۈك ئىلىملەر ھەققىدە بىر يۈز ئون تۆت پارچە كىتاب يازغان. يەنە بەزىلەرنىڭ دىيىشىچە، فارابى بىر يۈز ئاتمىش پارچىغا يېقىن كىتاپ يازغان. تارىخى مەنبەلەردە ئۇنىڭ بىر قانچە ئون خىل تىل بىلىدىغانلىقى ھەمدە« ئىلىم - پەننىڭ تۈرلىرى ۋە ئۇنى تۇنۇشتۇرۇش»،« ئالەم بوشلۇقى ھەققىدە سۆز»،
«ئاستىرونومىيە قانۇنلىرى ھەققىدە»، «شېئىر ۋە قاپىيە توغرىسىدا» قاتارلىق كۆپ ئەسەر يازغانلىقى
خاتىرىلەنگەن. ئۇلۇغ پەيلاسوپ ئەبۇ نەسىر فارابى 950- يىلى دەمەشىق شەھرىدە ۋاپات بولغان.
|