<%@LANGUAGE="VBSCRIPT" CODEPAGE="936"%> ޱĵ
     
چايخانا
|
|
|
|
|
|
|
|
|
|
|
|
|
|
|
|
|
|
|
|
|
|
|
|
|
|
مۇقام
|
 

شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىگى


شىنجاڭ مەملىكىتىمىزنىڭ غەربىي دەرۋازىسى بولۇپ، ئۇ قەدىمدىن بۇيان يىپەك يۇلىدىكى مۇھىم قاتناش

تۈگۈنلىرىنىڭ بىرى، شۇنداقلا دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ دىننىڭ، ھەرخىل مەدەنىيەتلەرنىڭ مۇھىم كىسىشمە نوقتىسى

بۇلۇش سۈپىتى بىلەن مەملىكەت ئىچى، سىرتىدىكى ئىكىسپىدىتسىيەچىلەر ۋە ساياھەتچىلەرنى ئۆزلۈكسىز تۈردە

جەلىپ قىلىپ كەلگەن. شىنجاڭنىڭ ھازىرقى نوپۇسى 19 مىليوندىن ئارتۇق بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسىنىڭ

تەخمىنەن %1.5 نى، يەر مەيدانى پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىي يەرمەيدانىنىڭ قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. شىنجاڭنىڭ

جۇغراپىيىلىك شارائىتىمۇ ئىنتايىن ئۆزگىچە بولۇپ، ئۈچ چوڭ تاغ تىزمىسى ۋە ئىككى چوڭ ئويمانلىقتىن تەركىپ

تاپقان. تاغ-دەريالار، قۇملۇقلار، بوستانلىقلار ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتكەن مۇنداق تەبىئىي ئەۋزەللىكلەر، ھەمدە

ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرى، مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكلىرى، خىلمۇ-خىل

ئاسارە-ئەتىقە، مەدىنىي مىراسلىرى شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىك ئىشلىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇشنىڭ پۇختا ئاساسى

بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. ئەمدىكى گەپ مۇشۇ مول ساياھەت مەنبىئى ۋە ساياھەت بايلىقىدىن قانداق پايدىلىنىش ۋە

ئۇنى ئېچىش، تەرەققى قىلدۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇللىرىنى تېپىپ چىقىشتا. 1. شىنجاڭنىڭ ساياھەت بايلىقلىرى

ئىنتايىن مول بولۇپ، نۇرغۇن تەبىئىي ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە. قەدىمدىن بۇيان شىنجاڭ مەملىكەت ئىچى ۋە

سىرتىدىكى نۇرغۇن ساياھەتچىلەر، ئېكىسپېدىتسىيىچىلەر، تارىخشۇناسلار، مۇزېيشۇناسلارنىڭ مۇقەددەس ەنزىلگاھى

بولۇپ، ئۇلارنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلىپ كەلگەن. شۇەن زاڭنىڭ «غەرىبكە ساياھەت» خاتىرىسى، ماركىپولونىڭ

ساياھەت خاتىرلىرىدە، ئاۋرىل سىتەيىن، مەشرەپ، نۆبىتى قاتارلىقلارنىڭ يازما پۈتۈكلىرىدە شىنجاڭنىڭ قەدىمقى

جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىكلىرى، بۇ جايدا ياشىغۇچى قەۋمىلەرنىڭ سىياسى، ئىجتىمائى ھاياتى، مىللى ئۆرۈپ-

ئادەتلىرى، مەدەنىيتى توغرىسىدا قىممەتلىك خاتىرلەر قالدۇرۇلغان. مەسىلەن: 18- ئەسىردە ياشىغان ئۇيغۇر

شائىرى نۆبىتى:«رەۋزىگە مانەند خىيال ئەت خۇتەننى، بىھىشتىن زىيادە مىسال ئەت خۇتەننى» دەپ يازغان

بولسا، شۇەن زاڭنىڭ «ئۇلۇغ تاڭ دەۋرىدىكى غەربى يۇرت خاتىرىسى» دىن «ئۇچاغدىكى كۈسەنلىكلەرنىڭ

چېچىنى كېسىش ئادىتى بار ئىكەن، ئۇلار كىمخاپتىن كىيىم كىيىدىكەن، كالتە چاچ قۇيىدىكەن، رۇمال ئارتىپ،

تۇماق كىيىدىكەن» دىگەن قۇرلارنى كۆرگىلى بۇلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا «24تارىخ»، «لىياڭنامە» ۋە جۇڭگو

چەتئەل ساياھەتچىلىرىنىڭ تارىختا يېزىپ قالدۇرغان سان-ساناقسىز تازما پۈتۈكلىرى، ئارخىلوگىيلىك

بايقاشلىردىن نۇرغۇن قىممەتلىك تارىخى ماتىرياللارنى كۆرۈۋېلىشقا بۇلىدۇ. مانا بۇلار شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىنلا كەم

تېپىلىدىغان گۈزەل بىر ساياھەت ماكانى .

 
¹ƻ >
¹ƻ >
 
باش بەت |ئالاقىلشىڭ | توربەت يىتەكچىسى | توربېتىمىز ھەققىدە | دوستانەئۇلىنىش

ئۈرۈمچى »كۆكتۇلپار«گۈزەل-سەنئەت،مەدەنىيەت مۇلازىمەت مەركىزى
ئادىرس:خەلقاراچوڭ بازار6-بىنا1-قەۋەت مىللى مەدەنىيەت كارىدورى ئىچىدە6111-6112-6Aنومۇرلۇق دۇكان
مەسئۇلى:تۇردى ئېلى
تىلفۇن نومۇرى:13999815436
---------------------بەت لايھەلىگۈچى:Uyghur@yolbax.com--------------------