رايونىمىزنىڭ كۆپ قىرلىق،كۆپ قاتلاملىق ئۇزاق پارلاق مەدەنيىتى ئېزىز دىيارىمىزغا ناھايتى مول مەدەنيەت مىراسلىرى ،ساقلانمىلىرىنى قالدۇرغان .شۇڭا تۇرپان شەھرى ۋە تۇرپان رايونىمىز دۇنيانىڭ ھەر قايسى ايلىرىدىكى تارىخى ئۇزۇن داڭلىق شەھەرلەرگە ئوخشاش يىراق يېقىنغا مەشھۇر .
يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بېرى تۇرپان رايونىمىز مەركەزنىڭ "مەدەنيەت مىراسلىرىنى قوغداشنى كۈچەيتىش مۇۋاپىق پايدىلىنىپ جەمىيەت ئىقتىسادىنى ئىلگىرى سۈرۈش" سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە ئۆزىدىكى ئەۋزەللىكلەردىن تۇلۇق پايدىلىنىپ ،قوغداشنى ئاساس قىلىپ رايونىمىزنىڭ--شەھرىمىزنىڭ مەدەنيەت مىراس بايلىق ئەۋزەللىكلىرىدىن پايدىلىنىپ جەمىيەت ئىقتىسادىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ناھايتى ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى .تۇرپاننىڭ ئەمەلى ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ ،ئاكتىپلىق بىلەن ئىزدىنىپ بىر تەرەپتىن زامانغا لايىقلاشقان زامانىۋى شەھەر بەرپا قىلىش قەدىمىنى تېزلەتسە يەنە بىر تەرەپتىن مەدەنيەت يادىكار لىقلىرىنى قوغداش ۋە ئېچىپ پايدىلىنىشقا بولغان سېلىنمىنى كۆپەيتتى .ئالايلى نۇرغۇن مەبلەغ سېلىپ سۇلايمەن ۋاڭ مۇنارى مەدەنيەت يادىكارلىق ئورنى ساياھەت نۇقتىسىنى پۇختىلاپ تۈزەپ رەتلەپ چىقىش بىلەن بىرگە شەھەر مەركىزىگە تۇرپان مەدەنيەت ساياھەت مەيدانى، زامانىۋى تۇرپان تارىخى مۇزىيى، ئۈزۈم بۇلاق ئارامگاھى قاتارلىق زور مەبلەغ سېلىنغان قۇرلۇشلارنى قىلىپ تارىخى مەدەنيەت بىلەن ئۆزئارا ماسلاشقان زامانىۋى شەھەرنى قۇرۇپ چىقتى .بۇلار خۇددى كونىلار ئېيتقان "ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز يارىشىپتۇ" دىگەندەك بىر- بىرىنى گەۋدىلەندۈرۇپ دۆلەت ئىچى ۋە چەتئەللىك مىھمانلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.
زۇڭلى لى لەنچىڭ تۇرپاندا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە تۇرپانننىڭ مەدەنيەت مىراس ساياھەتچىلىك بايلىقىنىڭ موللىقىنى بىلىپ بۇ ھەقتە مۇھىم كۆرسەتمىلەرنى بەردى .شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تۇرپاننىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك <تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ مەدەنيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ساياھەتچىلىكنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئومۇمى لايىھەسى> تۈزۈلىپ مەدەنيەت مىراسلىرىغا قارىتا قوغداش،تەتقىق قىلىش،پايدىلىنىش ۋە باشقۇرۇش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇش ھەم پىلان تۈزۈپ چىقىلدى.بۇ <ئومۇمى لايىھە > نۆۋەتتە تۇرپان رايونىنىڭ يېقىن كەلگۈسىسىدىكى مەدەنيەت مىراسلىرى ساياھەتچىلىگىنى ئېچىپ پايدىلىنىش،باشقۇرۇشتا ئۆزىنىڭ يىتەكچىلىك رولىنى ئاكتىپ جارى قىلدۇرغۇسى.
رايونىمىز دەۋر ئېقىمىغا ئەگىشىپ ،تىرىشىپ ئىزدىنىپ جەمىيەت ئىقتىسادىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن نۇرغۇن پايدىلىق تەپەككۈر يوللىرىنى ئوتتۇرغا قويدى .مەدەنيەت مىراسلىرىنى قوغداش،مۇۋاپىق ئېچىپ پايدىلىنىپ بۇ ئورۇنلاردا دىھقانلارنىڭ قوشۇمچە كەسىپ بىلەن شۇغۇللۇنىشىغائىلھام بېرىپ ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلدى .بىراق يېقىنقى مەزگىلدىكى تەكشۈرۈشلەردىن مەلۇم بولىشىچە مەدەنيەت مىراسلىرىنى قوغداش ،ئىچىپ پايدىلىنىش،قاتارلىق ساھەلەردە بىر قىسىم كىشىنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدىغان يۇشۇرۇن خىيىم-خەتەرنىڭ يەنىلا مەۋجۇتلۇقى ئاشكارلاندى .
(1) بىزدە مەدەنيەت ىراسلىرىمىزغا بولغان تونۇش مەسىلىسى تازا يېتەرلىك ئەمەس.بولۇپمۇ مەدەنيەت مىراسلىرىنىڭ بىر جەمىيەتتىكى ئورنى ۋە ئۇنىڭ قىممىتى مەسىلىسىدە كىشىلەرنىڭ تونۇش كۆزقارىشى يىتەرسىز .مەدەنيەت مىراسلىرى بىر شەھەر –بىر رايوننىڭ تارىخى مەدەنيەت بايلىقى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ .بۇ يەردىكى ئەڭ نازۇك، ئەڭ ئەڭ مۇھىم ھالقىلىق مەسىلە شۇكى ئۇ بۇزغۇنچۇلۇققا ئۇچىرىسا ياسىۋالغىلى ،ئەسلىگە كەلتۈرۋالغىلى بولمايدۇ .ئۇ مەڭگۈلۈك قايتىلانمايدىغان قىممەتلىك بايلىق بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.شۇنداق ئىكەن بىز مۇشۇ مەدەنيەتلىك شەھەرنىڭ ئىگىلىرى بۇلۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۇلارنىڭ قىممىتىنى توغرا چۈشۈنىۋېلىشىمىز ئىنتايىن زۆرۈر.
تۇرپان رايونىدىكى مەدەنيەت مىراس ئىزنالىرىنىڭ كۆپۈنچىسى يېزا قىشلاقلارغا تارقالغان.شۇڭا مەدەنيەت مىراسلىرىنى ئۈنۈملۈك قوغداشتا يېزا ئاساسى قاتلامدىكى كەڭ كادىر خىزمەتچىلەر دىھقانلارنىڭ تونۇشىنى ئۆستۈرۈش ئىنتايىن زورۈر .يېزا ئاساسى قاتلامدىكى دىھقانلارنىڭلا ئەمەس ،رەھبەرلىك ئورنىدىكى بىر قىسىم رەھبىرى كادىرلارنىڭمۇ بۇ ھەقتىكى چۈشەنچىسى يەنىلا بىر قەدەر ئاجىز .ئۇلارنىڭ نەزىرىدە قەدىمكى شەھەر خارابىلىرى،قەدىمكى قەبرىستانلىقلار،<ئەسكى تاملىق،قالماقلارنىڭ گۆرلۈكى> ئىشلىتىش قىممىتى يوق.بۇ جايلاردا< يەر ئېچىپ تېرىقچىلىق قىلىشلا بۇ يەرلەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغانلىق بولىدۇ.> دەپ قارايدۇ.ھەتتا بەزى ئۆزىنى"ئەقىلىق" چاغلىغان بىر قىسىملا مەدەنيەت مىراسلىرىنى ئوغرىلىقچە سېتىپ باي بولۇشنى چۈشەيدۇ.بۇنىڭ ئاددى بىر مىسالى بۇ يىل(2006يىل)6-ئاينىڭ28-كۈنى دۆلەت دەرىجىلىك قوغدۇلىدىغان مەدەنيەت يادىكارلىق ئورنى ئاستانە قەدىمىكى قەبرىستانلىقىدىن ناھايتى قىممەتلىك بىر تۈركۈم مەدەنيەت يادىكارلىقى ئوغرىلاپ كېتىلدى .ج خ تارماقلىرى ۋە مەدەنيەت يادىكارلىقلىرى تارماقلىرىنىڭ زىچ ھەمكارلىشىشى بىلەن بۇ ئەنزە تېزلا پاش بولدى ،يۈتكەن مەدەنيەت يادىكارلىقىلىرىقايتۇرۇپ كېلىندى.مانا قاراڭ بۇمۇ بىزنىڭ مەدەنيەت مىراسلىرىمىزغا بولغان تونىشىمىزنىڭ يۈززەكىلىگىدىن كېلىپ چىققان پاجىئە.ئەجەبا رايونىمىزغا تارقالغان شۇنچە كۆپ مەدەنيەت مىراسلىرىمىزنى قوغداش مەدەنيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش تارماقلىرىنىڭلا خىزمىتىمۇ؟ ئەجەبا سىز ۋە ئاشۇ بىر قىسىم رەھبەرلەر ئۆزىڭىزلەردە بىر ئازمۇ مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەت يوق دەپ قارمسىز؟
(2) بىزدە يەنە ھەددىدىن ئارتۇق "قىزىپ كېتىش"تىن كېلىۋاتقان يۇشۇرۇن خەۋىپ –خەتەرنىڭ سالمىقى ئېغىر .ساياھەت مۇلازىمىىتى ۋە ساياھەت بازىرىدىكى ناچار خاھىشلارغا زەربە بېرىش ،بىر تۇتاش باشقۇرۇش يېتەرسىز .ھازىر بىرقىسىم دۆلەت دەرىجىلىك قوغدۇلىدىغان مەدەنيەت يادىكارلىق ئورنىنىڭ قوغداش دائىرىسىدە ياكى ئىھتىيات دائىرىسىدە بولسۇن ياكى تۇرپاننىڭ داڭلىق سەيلىگاھلىرىدا بولسۇن بەس- بەستە "تىللا تۆكۈلىدىغان بالا دەرەخ"لەر ياسىلىۋاتىدۇ ھەم ياسالدى.ئۇلار ھەدەپ تۈرلۈك ئۇسۇل چارىلەرنى ئىشقا سېلىپ ئۆز-ئارا بەسلىشىپ كۆپ سوممىلىق شىرىنكا بىلەن ساياھەت كوپىراتىۋى ،ساياھەت يېتەكچىسى ھەتتا شوپۇر ئۇستاملارنى قىزىقتۇرۇپ ئۆز چۆنتەكلىرىنى |