شىمالدىن جەنۇپقا ئېقىپ خوتەن شەھرىدىن ئۆتىدىغان يورۇڭقاش دەرياسى قەدىمدىن ھازىرغىچە ئۈزۈلۈپ

قالمىغان. خوتەنلىكلەر ئەۋلاتتىن ئەۋلاتقا بۇ يورۇڭقاش
دەرياسىدىن قاشتېشى سۈزۈپ كەلگەن. يىپەك يولىئارقىلىق
ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك تارقالغان خوتەن قاشتېشى ھازىرمۇ
دۇنيادىكى سۈپىتى ئەڭ ياخشى قاشتېشى ھېسابلىنىدۇ.
ئۇيغۇرلارنىڭ رىۋايەتلىرىدە قاشتېشى گۈزەل، ئاقكۆڭۈل
قىزنىڭ نامايەندىسى دىيىلىدۇ. رىۋايەتلەردەئېيتىلىشىچە: «قەدىمقى خوتەن خانلىقىدا يورۇڭقاش دەرياسى بويىدا بىر
تاشچى ئۇستام 60 ياشقا كىرگەن كۈنى يورۇڭقاش دەرياسدىن بىر ناھايىتى چوڭ قاشتېشى تېپۋېلىپ، ئۇنىڭدىن
بىر چىرايلىق قىزنىڭ ھەيكىلىنى ئويۇپ چىقىپتۇ. پىشقەدەم تاشچى ئۇنىڭغا قاراپ ئىختىيارسىز مېنىڭمۇ شۇنداق
قىزىم بولغان بولسا نېمە دىگەن ياخشى بولاتتى دەپتۇ. بۇ قاشتېشىدىن ياسالغان ھەيكەل دەرھال بىر چىۋەر شوخ
قىزغا ئايلىنىپتۇ، ئۇ قىز تاشچىنى ئۆزىگەئاتا تۇتۇپتۇ، پىشقەدەم تاشچى ئۇ قىزغا تاشگۈل دەپ ئىسىم قويۇپتۇ،
بوۋاينىڭ ئۆزىگە ھايات ئاتا قىلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىش ئۈچۈن ئۇ قىز سانسىزلىغان قاشتېشى ئۇۋاقلىرىغا
ئايلىنىپ كوئىنلۇن تېغى ئىتىكىدىن دەريا بويىغا تارقالغان» ئۇلار كېيىنكى كىشلەر ئىزدەۋاتقان قاشتېشىنىڭ
مەنبەسى بولۇپ قالغان.
------قارا ئاق قاشتېشى------ |
|
يوقۇرقى قاشتېشنى سېتىۋالغۇچىلار بولسا بىزبىلەن ئالاقىلىشىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز ! |