<%@LANGUAGE="VBSCRIPT" CODEPAGE="936"%> ޱĵ
     
چايخانا
|
|
|
|
|
|
|
|
|
|
|
|
|
|
|
|
|
|
|
|
|
|
|
|
|
|
مۇقام
|
 

ئۇيغۇر رەسسامچىلىقىنىڭ تەرەققىياتى

-------پەرھات ئىبىراھىم-------

ئۇزاقتىن بۇيان ۋەتىنىمىز چوڭ ئائىلىسىدە ياشاپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر مىللىتى مول بەدئىي ئىجادىيەت كۈچىگە ئىگە مىللەت. شىنجاڭدا ياشىغۇچى باشقا قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى بىلەن بىرىكىپ، بۇ زېمىندا ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە بىر مەدەنىيەت چەمبىرىكى ھاسىل قىلغان. مۇشۇ مەدەنىيەت چەمبىرىكىدىكى رەسساملىق، نەققاشلىق، بىزەكچىلىك، مىمارچىلىق سەنئىىتى نەمۇنىلىرى مەمىلكىتىمىزدىلا ئەمەس، پۈتكۈل ئاسىيا قىتئەسىدە كۆزنى قاماشتۇرىدىغان دۇردانىلىرى بىلەن مەدەنىيەت خەزنىسىنى بېيىتقان. دۇنيا تۆت چوڭ مەدەنىيىتىنىڭ بىرى بولغان كۇشان تاشكىمىر مەدەنىيىتى مۇشۇ زېمىندا روياپقا چىققان تارىخى ھۆججەتلەردە ئەينى چاغدا ئودۇن(خوتەن) لىك بۇددىزىم رەسسىملىرىدىن ئاتا - بالا ۋايسا باخنا، ۋايسا ئىروسالالار پايتەخت لوياڭغا تەكلىپ قىلىنىپ، بۇددا ئىلاھ سۈرەتلىرىنى سىزدۇرغان ۋە كۆپلىگەن شاگىرت يىتىشتۈرگەن دەپ قەيت قىلىنغان.
مىلادى خېلى بۇرۇنقى دەۋرلەرگە تەئەللۇق بولغان ئارخېئولوگىيلىك قېزىلمىلاردىن دىيارىمىزدىكى قۇمتۇرا، سىم - سىم قىزىل، قىزىل قاغۇي، بېزەكلىك، شوچۇق، ئىدىقۇت، يارغول، سىڭگىم قاتارلىق جايلاردىكى بۇددا تاشكىمىرلىرىغا سىزىلغان تام رەسىملىرىمىزگە نەزەر سالغىنىمىزدا، ئەينى چاغدىكى ئۇيغۇر رەسسامچىلىق سەنئىتىنىڭ تەڭداشىسز گۈللىنىش پەللىسى ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا شۇ زامان، شۇ ماكان سەنئەتكارلىرىنىڭ تەسەۋۋۇرىنىڭ چوڭقۇرلۇقى، رەڭ تۇيغۇسىنىڭ موللۇقى، جىجاقلىرىنىڭ نەپىسلىكى، ئوبىيېكتلارنىڭ ھېسىيات، ھەركەتلىرىنى ئىپادىلەشتىكى ماھىرلىقىنى، قىسقىسى بەدئىي دىتنىڭ يۈكسەكلىكىنى كۆرىۋالالايمىز.
رەسىم سەنئىتى ئىپادىلەش كۈچى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان ئىندىۋىدۇئاللىققا ئىگە بىر تۈرلۈك سەنئەت بولۇپ، ئانا تۇپراق بەدئىي ئىندۇۋىدۇئاللىقنى يېتىلدۈرىدۇ. ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ تاۋلىشى ۋە تەربىيلىشىدىن يۈكسەك مەدەنىيىەت ھادىسلىرى ئىستىخيلىك ھالدا مەيدانغا كېلىپ تەرەققىي قىلىدۇ ۋە گۈللىنىدۇ. ئۇيغۇر رەسسامچىلىق سەنئىتىنىڭ گۈللىنىش دەۋرى 15- ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە مەۋجۈت بولۇپ تۇرغان بولۇپ، ئىسلام دىنىنىڭ بۇ زېمىنىغا سىڭىپ كىرىشى رەسسامچىلىق سەنئىتىنى زاۋاللىققا يۈزلەندۈرگەن بولسىمۇ، كىشلەرنىڭ گۈزەللىككە بولغان ئىنتىلىشى ۋە ئىستېمال ئېھتىياجى رەسىم سەنئەتكارلىرىنىڭ بەدئىي دىتى بىلەن بىر ئاڭ ئېقىمى (دەل - دەرەخ، گۈل - گىياھ، ھەر خىل تەبىئەت ھادىسلىرى، باشسىز، ۋە كۆزىسىز جانلىقلار ۋە ئلۇلارنىڭ ھەرىكەت قانۇنيەرلىرىنى ئوبىيكت قىلىپ رىتىملىق مۇبالىغلەشتۈرۈلگەن شەكلى) يەنى نەققاشچىلىق بىلەن ھاياتى كۈچنى ساقلاپ كەلدى. 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا رايۇنىمىزدا پەننى مەكتەپلەرنىڭ تەدىرجخي ئوموملىشىش بىلەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كىرگۈزۈلگەن دەرىسلىك كىتابلارنىڭ قىستۇرما رەسىملىرى تۇنجى ئەۋلاد ئوقۇغۇچىلارغا تەسىر كۆرسىتىپ، ھەۋەسكارلارنىڭ يېتىلىشىگە ئاساس سالغان.
30- يىللاردا قۇرۇلغان دارىلمۇئەللىمىن مەكتەپلەردە مەخسۇس رەسىم دەرىسى تەسىسى قىلىنغان، 30 - يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىدا رايۇنىمىزنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەت، ناھىيلىرىدە مەدەنىي ئاقارتىس ئۇيۇشمىلىرىدىكى خادىملار مەلۇم بىر سىياسى مەۋقە زۆرۈريىتىدىن ئادەم جانلقلار سۈرىتىنى سىزىپ رەستىلەردە ئاشكارا كۆرگەزمە قىلغان.
ئەينى چاغدىكى مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىلىرى خادىملىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، تەرغىبات ۋە تەشۋىقات يۈزسىدىن ئاددى سامان قەغەز ياكى پاتلانغان رەختكە سىزىلىغان ئاددى رەسىملىرى نەچچە ئەسىر داۋاملاشقان خۇراپى ئاسارەت پەردىسىنى يىرتىپ تاشلاپ كېيىنكى ئەۋلاد رەسىم سەنئەتكارلىرىنىڭ يىتىلىشىگە يول ئاچقان.
جوڭگو رەسساملار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاتاقلىق رەسسام ئۇستاز غازى ئەھمەد ئاكا ئۆز رەسسامچىلىق ھاياتىنى ئەسلەپ: مېنىڭ رەسساملىق ھاياتىمنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى 40- يىللاردىكى قەشقەر شەھەر رەستىلىرىدە كۆرگەزمە قىلىنغان »ياپۇنغا قارشى تۇرۇش ھەققىدىكى تەشۋىقات رەسىم كۆرگەزمىسى« نىڭ تەسىردە باشلانغان، دېگەن ئىدى.
دېمەك، 30- يىللاردىن 40- يىللارنىڭ ئارخىرىغىچە ئاپتونۇم رايۇنىمىز دائىرىسىدىكى مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىلىرىدىكى كەسپىي خادىملار دارىلمۇئەللىمىن مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە جەمئىيەت زىيالىيلىرىنىڭ زور دەرىجىدە تىرىشچانلىق كۆرىسىتىش ئارقىسىدا ئۇيغۇر رەسسامچىلىق سەنئىتىگە ئۇل سېلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە كىشلەرنىڭ ئىلىمىي ئاساستا رەسىملەردىن ئىستىتىك زوق ئېلىش ئېڭىنى ئويغاتتى. 50- يىللاردا مەدەنىيەت يۇرتلىرى ۋە مائارىپ تارماقلىرى رەسىمچىلىك سەنئىتىدىن پايدىلىنىپ «فىئوداللىق تۈزۈمىنى ئاغدۇرۇش»، «يەر ئىسلاھاتى»، «چوڭ سەكرەپ ئىلگىرلەش» قاتارلىق سىياسى ھەركەتلەردە تەشۋىق تەربىيە، سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرىگە ماسلاشقان. شۇ چاغدا كۇچا ناھىيسىدىلا رەسسام پازىل سالىنىڭ يىتەكچىلىكىدە 20 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق رەسىم سىزىلىپ بازار، يېزا - قىشلاقىلاردا كۆرگەزمە قىلىنغان.
1954- يىلى شىنجاڭ ئىنىستىتوتىنىڭ قارمىقىدا سەنئەت فاكۇلىتېتى تەسىسى قىلىنىپ، سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ گۈزەل سەنئەت (رەسساملىق) ئوقۇتۇش پىروگىراممىسىنى ئاساس قىلغان سېستىمىلاشقان دەرسىلىكلەر ئاتاقلىق رەسسام غازى ئەھمەد، غېنى غوپۇر قاتارلىق بىر تۈركۈم ئۇيغۇر رەسساملىرىنى يىتىشتۈرۈپ چىقتى.
يۇقۇرقى بىر ئەۋلاد كىشلەرنىڭ زور تىرىشچانلىقى بىلەن 1958 - يىلى شىنجاڭ سەنئەت مەكتىپى قۇرۇلۇپ، غازى ئەھمەد ئاكا مۇشۇ تۇپراقتا ئۆسۈپ يىتىلگەن تۇنجى ئەۋلاد ئۇيغۇر گۈزەل سەنئەت مائارىپچىسى بولغان غازى ئەھمەد ئاكا ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيلەش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىدىن بەدئىي ئىجادىيەتلەرنى ئىشلەپ گېزىت - ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان، شۇنداقلا ئۇيغۇر رەسسامچىلىقى ھەققىدىكى تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئىلىمى ماقالىلەرنى يېزىپ كەڭ جامائەتچىلىككە رەسىمچىلىك سەنئىتىنڭ ئىلىمى ئاساسىنى تۇنۇشتۇرغان. پىروفېسسور غازى ئەھمەد ئاكا 1964- يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن مەمىلكەتلىك كۆرگەزمىگە 40- يىللاردىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى پاجىئەلىك كۆرۈنۈش ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن «جىناھى ھۆكۈم» ناملىق چوڭ تىپتىكى ماي بوياق ئەسىرىنى قويۇپ مەمىلكەت ئىچىدە زور تەسىر قوزغىغان. مەزكۇر ئەسەر دۆلەتنىڭ مۇزېيىغا نادىر ئەسەرلەر قاتارىدا مەڭگۈلۈك ساقلاشقا تاللانغان. غازى ئەھەد ئاكا ئۇيغۇر رەسسامچىلىقىنڭ سەركىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئانا زېمىننىڭ ئەنئەنىۋى رېئال تۇرمۇشقا تۇيۇنغان ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە ئۇسلۇب بىلەن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تۇرمۇش ئۆرپ - ئادەتلىرىنى، ناخشا - ئۇسسۇل، چالغۇلىرىنى، مۇشۇ زېمىندا ياشاپ ئۆتكەن ئالىم، سەنئەتكارلىرىمىزنى ۋە سۈيۈملۈك دىيارىمىزنىڭ تاغ - دەريا، نېمەتلىرىنى يوقۇرى ماھارەت بىلەن سىزىپ، مەمىلكەت ئىچىدە ۋە خەلقئارا كۆرگەزمىلەرگە قۇيۇپ، مىللىتىمىزگە شان - شەرەپ كەلتۈرۈپ، ئۆزگىلەرنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىگە، سەنئىتىگە بولغان چۈشەنچىسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇيغۇر رەسسامچىلىقىدا يېڭى سەھىپىلەرنى ئاچىتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاتاقلىق گۈزەل سەنئەت مائارىپچىسى غېنى غوپۇر قاتارلىقلار بىلەن زور بىر تۈركۈم ئۇيغۇر گۈزەل سەنئەت خادىملىرىنى يىتىشتۈرۈش چىقتى.
گۈزەل سەنئەت مائارىپچىسى ئىمىنجان ئابدۇرېھىم كۆپ ئىزدىنىپ، ئەمەلىي تەجىرىبىسىگە ئاساسەن رەسىم سەنئىتىنىڭ دەسلەپكى چۈشەنچىسى بولغان «سىدام سىزما» ۋە «ماي بوياق رەسىم سىزىشنىڭ تېخنىكىلىق ئاساسلىرى» قاتارلىق كىتابلارنى تۈزۈپ نەشىر قىلدۇردى. دۇنيا رەسىم سەنئىتى خەزىنىسىدىكى نادىر ئەسەرلەرنىڭ ئىپادىلەشتىكى ۋاستە، ئېقىم، ئۇسلۇبى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ ئانا تىلدا دەرىسلىكلەر تۈزۈلۈپ ئوقۇغۇچىلار بىلىم دائىرىسىنى كېڭەيىتتى.
ئۇيغۇر رەسسام پىشۋالىرىدىن ئابدۇكېرىم نەسىردىن رەسىمچىلىك سەنئىتىگە بولغان ئوتتەك قىزغىنلىقى بىلەن ئۆز ئەسەرلىرىدە ئۇيغۇر مىڭ ئۆي تام سۈرەتلىرىنىڭ جىجاق ئۇسلۇبى، ياۋروپا كىلاسسكىزىم ئېقىمىنىڭ يارقىن رەڭ ئۇسلۇبى، مۇدىرنىزىم ئېقىمىدىكى گېئومېتىرىيلىك شەكىل، ئۇيغۇر بېزەكچىلىكى قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللارنى مۇجەسسەملەپ، ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە بەدئىي ئۇسلۇب بىلەن كۆپلىگەن ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ئالقىشىغا ۋە ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشىش بىلەن بىرگە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ چەكلەنگەن رايۇن بولغان بەدەن گۈزەللىكى (يالىڭاچ بەدەن) ئەسەرلىرىنى يوقىرى ماھارەت بىلەن سىزىپ چىقىپ ئىجابىي تەسىر قوزغىدى.
گۈزەل سەنئەت مائارىپچىلىرىنىڭ جاپالىق ئەجرى، رەسىم پېشۋالىرىنىڭ يېتەكلىشى، ۋىلايەت ناھىيلەردىكى ئاممىۋى سەنئەت سارايلىرىنىڭ كونسۇلتاتسىيە قىلىپ شارائىت يارىتىپ بېرىشى، سەنئەتكارلارنىڭ ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىقى بىلەن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان زور بىر تۈركۈم ماي بوياق، جوڭگوچە رەسىم، دۇغ بوياق، سۇ بوياق، ياغاچ ئويما، قەغەز قىيما، ھەيكەلتىراشلىق، تام سىزما، چاتما سۈرەت، سىدام سىزما، ئويمىچىلىق، ھۈنەر- سەنئەت قاتارلىق تۈرلەر بويىچە ئىجادىي ئەسەرلەر ئىشلىنىپ تۈرلۈك ۋاستىلەر ئارقىلىق ئاۋام نەزەرىگە سۇنۇلۇپ مەنىۋىيەتتىكى تۇرمۇش ئىستېمال ئېھتىياجىنى قاندۇرلۇلۇپ كەلمەكتە ۋە قىممەت يارىتىلماقتا. رەسساملار خەلىققە روھ بەرگۈچى، مەدەنىيەت تارقاتقۇقچى، جەمئىيەتكە ھۆسىن قوشقۇچىلاردۇر..

 
¹ƻ >
¹ƻ >
 
باش بەت |ئالاقىلشىڭ | توربەت يىتەكچىسى | توربېتىمىز ھەققىدە | دوستانەئۇلىنىش

ئۈرۈمچى »كۆكتۇلپار«گۈزەل-سەنئەت،مەدەنىيەت مۇلازىمەت مەركىزى
ئادىرس:خەلقاراچوڭ بازار6-بىنا1-قەۋەت مىللى مەدەنىيەت كارىدورى ئىچىدە6111-6112-6Aنومۇرلۇق دۇكان
مەسئۇلى:تۇردى ئېلى
تىلفۇن نومۇرى:13999815436
---------------------بەت لايھەلىگۈچى:Uyghur@yolbax.com--------------------