<%@LANGUAGE="VBSCRIPT" CODEPAGE="936"%> ޱĵ
     
چايخانا
|
|
|
|
|
|
|
|
|
|
|
|
|
|
|
|
|
|
|
|
|
|
|
|
|
|
مۇقام
|
 

فوتو سۈرەت ئىجادىيىتىدە نادىر ئەسەر
ئېڭىنى تۇرغۇزايلى


------ئابلىز ئابدۇللا------

ئىسلاھات، ئېچىۋىتىش دەۋرىدە ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ كۆپ مىللەتلىك فوتو سۈرەتچىلىك ئىشلىرى خۇشاللىنارلىق

نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۈزلۈكسىز تەرەققى قىلىۋاتقان بولسىمۇ، زور تەسىر كۈچىگە ئىگە نادىر ئەسەرلەر

يەنىلا ئاز بولۇۋاتىدۇ. بۇنىڭدىكى ئاساسى سەۋەب - فوتو سۈرەتچىلەرنىڭ ئۆز ئىجادىيتى ۋە شىنجاڭنىڭ خاس

ئالاھىدىلىكىنى ھەقىقى تونۇپ يىتىشى ۋە بۇنى ئىجادىيەتتە يېڭى بۆسۈش ئېغىزى قىلىشى يىتەرلىك بولمىغانلىقى،

يەنە بىر جەھەتتىن ۋەكىلىك خارەكتىرگە تېمىلارنى يورۇتۇپ بەرگەن نادىر ئەسەر ئىجاد قىلىش ئېڭىنىڭ

مۇستەھكەم تۇرغۇزۇلمىغانلىقىدۇر. مېنىڭچە، فوت سۈرەت ئىجادىيتىدە شىنجاڭنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تونۇش ۋە

نادىر ئەسەر ئېڭىنى تۇرغۇزۇش ئىنتايىن مۇھىم مەسىلە بولۇپ، ئۇ فوتو سۈرەتچىلەرنىڭ ئەستايىدىل ئىزدىنىشى ۋە

تەتقىق قىلىشىغا ئەرزىيدۇ. ھەممىگە ئايانكى، يۇرتىمىز شىنجاڭ مەنزىرسى گۈزەل يېرى مۇنبەت، قۇچىقى بايلىقق

ا تولغان. گۆھەر ماكان. يۇرتىمىزدىكى ھەيۋەتلىك قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان تەڭرىتېغى، ئالتاي، قارا قۇرۇم تاغلىرى

ۋە ئۇنىڭدىكى پامىر ئىگىزلىكى، «مۇز تاغ ئاتا » قاتارلىق كۆككە تاقاشقان چوققىلار ۋە مۇزلۇقلار بەكمۇ

كۆركەم ھەم گۈزەل. شىنجاڭنى جەنۇب ۋە شىمال دەپ ئىككى قىسىمغا ئايرىپ تۇرغان تەڭرىتېغى ۋە تەبئى

قارغايزارلىقلار، جەنۇبى شىنجاڭدىكى تارىم ۋادىسى، شىمالىي شىنجاڭدىكى جۇڭخۇار ۋادىسى، روشەن

ئالاھىدىلىككە ئىگە تەكلىماكان قۇملۇقى، قەدىمى توغراغلىقلار...بىزنى مول ئىجادىيەت تېمىسى بىلەن

تەمىنلەيدۇ. تەبىئەت سېخىيلىق بىلەن گۈزەللىك ئاتا قىلغان بۇغدا كۆلى، سايرام كۆلى ، قاناس كۆلى، يانبۇلاق

ئاققۇ كۆلى، باغراش كۆلى قاتارلىق كۆللەرنىڭ تەبئىي مەنزىرسى كىشىنى ئۆزىگە بەكمۇ مەھلىيا قىلىدۇ.

شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۇرمۇش ئۆرپ - ئادەتلىرى، تۈرلۈك مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ئۆزىگە خاس

روشەن ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. شىنجاڭنىڭ ھەر قانداق يىرىگە بارساق سازلار چېلىنىپ، مۇقاملار ئېيتىلىپ،

ئۇسسۇللار ئوينىلىپ قىززىپ كەتكەن توي - تۆكۈن، مېھماندارچىلىق ۋە مەشرەپ سورۇنلىرىنى كۆرىمىز. بۇ

قۇيۇق يەرلىك ئالاھىدىلىككە، مىللى خاسلىققا ئىگە كۆرۈنۈشلەر ئۆزىنىڭ جەلىپكار سېھرى كۈچى ئارقىلىق

بىزنى يېڭى - يېڭى ئىجادىي ئەسەرلەرنى يارىتىشقا ئۈندەيدۇ. مانا بۇ مول مەنبەلەر مۇۋەپپەقيەتلىك ئىپادىلەنگەن

فوتو سۈرەت ئەسەرلىرى چوقۇم زور رېئال قىممەت ۋە تارىخىي قىممەتكە ئىگە بولىدۇ. مۇشۇ نۇقتىدا نەتىجە

قازىنىش ئۈچۈن تېمىنى سەزگۈرلۈك بىلەن بايقاشقا، تىگى تەكتىدىن چۈشىنىشكە ۋ مۇشۇ ئاساستا قايتا - قايتا

تۇمۇر ئۆگىنىشكە، كىشلەرنىڭ ئۆرپ - ئادەت ۋە ھىسياتىدىكى نازۇك، ئىنىچكە تەرەپلىرىنى ئەستايىدىل پوزىتسىيە

بىلەن چوڭقۇر چۈشىنىشكە، پۇختا بىلىم - ساۋاتقا ئىگە بۇلۇشقا توغرا كېلىدۇ. بۇلۇپمۇ چەت ، يىراق يېزا

خەلىقلىرىنىڭ تۇرمۇش ئادىتى، ئالاھىدىلىكلىرى ئەسلى ھالىتىنى ساقلاپ قالغان بولۇپ، ئىنىچكە كۆزىتىدىغان

بولساق ئۇنىڭدىن باشقا يۇرتىمىزنىڭ قۇيۇق مىللىي تۈسكە ئىگە شەھەر، ناھىيلىرىدىكى قايناق بازارلار

ۋەئوبرازلىق ئادەم سۈرەتلىرى بىزنىڭ ئىجادىيەت بايلىقىمىزدۇر. ئومومەن ئۇزاق مەدەنىيەت تارىخقا ئىگە

يۇرتىمىزنىڭ ئۆزگىچە خاسلىقى ئىجادىيىتىمىز ئۈچۈن مول مەنبەدۇر. ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ تەبئىيى ئەۋزەللىكىنى

ۋە مىللەتلەرنىڭ ئۆزىگەخاس ئالاھىدىلىكلىرىنى چۈشىنىش فوتو سۈرەت ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشنىڭ مۇھىم

بۆسۈش ئېغىزى. ئىجادىيەتتە چوقۇم خاسلىقنى تۇتۇشىمىز ، شىنجاڭنىڭ تەنئىي ئەۋزەلىكىنى، مىللەتلەرنىڭ

ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ مول تۇرمۇش ئەنئەنىسىنى يۇرۇتۇپ بىرىشىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىجادى

ئەسەرلىرىمىزگە ماھىرلىق بىلەن ئۆز ئىدىيىمىزنى، قەلب سادايىمىزنى كۈچلۈك ھىسياتىمىزنى سىڭدۈرۈشكە

تىرىشىشىمىز كېرەك. مۇشۇنداق بولغاندىلا ئىجادىيەتتە روشەن خاسلىقىمىزنى نامايەن قىلغىلى، نادىر ئەسەرلەرنى

ئىجاد قىلغىلى بولىدۇ. ئۇنداقتا، نادىر فوتو سۈرەت ئەسىرى قانداق بولىشى كېرەك؟ نادىر فوتو سۈرەت ئەسىرى -

رىئال تۇرمۇش قاينىمىغا كەلگەن، دەۋر روھىنى يۇرۇتۇپ بەرگەن، بەدئىيىلىك ۋە ئىدىيۋىلىك مۇجەسسەملەنگەن،

كەسىپ ئەھلىلىرىنىڭ ئىتىراپ قىلشىغا ئىرىشكەن، تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بىرەلەيىدىغان بولۇشى كېرەك.

نادىر فوتو سۈرەت ئەسەرلىرى چوقۇم جەمئىيەتتە كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلىدۇ ھەم جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا

مۇئەييەن تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ. ھازىر نادىر فوتو سۈرەت ئەسەرلىرىنىڭ مەدەنىيەت ۋاستىسى، قەلب كۆزنىكى،

-----------داۋامىنى كۆرۈش----------
¹ƻ >
¹ƻ >

باش بەت |ئالاقىلشىڭ | توربەت يىتەكچىسى | توربېتىمىز ھەققىدە | دوستانەئۇلىنىش

ئۈرۈمچى »كۆكتۇلپار«گۈزەل-سەنئەت،مەدەنىيەت مۇلازىمەت مەركىزى
ئادىرس:خەلقاراچوڭ بازار6-بىنا1-قەۋەت مىللى مەدەنىيەت كارىدورى ئىچىدە6111-6112-6Aنومۇرلۇق دۇكان
مەسئۇلى:تۇردى ئېلى
تىلفۇن نومۇرى:13999815436
---------------------بەت لايھەلىگۈچى:Uyghur@yolbax.com--------------------