- نېمىگە قىزىقىسىز؟
- كىتاب ئوقۇشقا.
- ئەڭ يېقىن دوستتىڭىز كىم؟
- كىتاب.
- دادىڭىز بەرگەن پۇلغا نېمە ئالىسىز؟
- كىتاب ئالىمەن...
بۇ ئۈرۈمچى شەھەرلىك19-باشلانغۇچ مەكتەپ 5-يىللىق 6-سىنىپنىڭ
ئەمدىلا10ياشقا كىرگەن ئوقۇغۇچىسى
مۇھەممەت ئېلى تۇردىنىڭ كۆڭۈل ئىزھارى. مەن بۇ كىچىك دوستنىڭ
كىتاب خۇمارلىقىدىن قاتتىق تەسىرلەندىم.
مۇھەممەت ئېلى ئۈچ - تۆت يېشىدا داىسى تۇردى ئېلىنىڭ تەسىرىدە
كىتاب - ژورناللاردىكى سۆرەتلەرنى تالىشىپ
كۆرىدىغان، ئۆزى بىلگىنىچە ھېكايە - چۆچەك توقۇيدىغان بوپتۇ.
كېيىنچە ئۇ ھەجىلەپ يۈرۈپ بەش يېشىدا
ساۋادىنى چىقىرىپتۇ. مەكتەپكە كىرگۈچە«تارىم غۇنچىلىرى»ژۇرنىلىنىڭ
ھەربىر سانىنى قالدۇرماي ئوقۇپ چىقىپتۇ،
«ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى»،«مىڭ بىر كېچە»،«چىن تۆمۈر باتۇر،»
قاتارلىق چۆچەكلەرنى ۋە 20دىن ئوشۇق
ھېكايە كىتابنى ئوقۇپ بوپتۇ. دادىسى مەكتەپكە ئوقۇشقا بەرگەندە
سىنىپ مەسئۇلىغا نوزۇگۇم، سادىر پالۋان
قوشاقلىرىنى يادىلاپ بېرىپ ھەممەيلەننىڭ ئامراقلىقىنى
كەلتۈرگەنىكەن.
مۇھەممەت ئېلى ھازىرغىچە مەھمۇد قەشقەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئەلىشىر ناۋائى قاتارلىق
جۇڭگۇ ۋە دۇنياغا مەشھۇر100شەخس تونۇشتۇرۇلغان كىتابنى ئوقۇپ بوپتۇ. ھازىر ئۇلارنىڭ تەرجىمھالى ۋە
يازغان ھېكايە -
شېئىرلىرىنى يادىلاپ بېرەلەيدىكەن. تارىخىي رومانلاردىن،«ئانا يۇرت» ،«سۇتۇق
بۇغراخان»،«داغ»«نۇزۇگۇم»،«مەھمۇد قەشقەرى»،«لالە-قۇربان»،« ئۇيغۇر بالىلار قوشاقلىرى»،«ئۇيغۇر
بالىلارچۆچەكلىرى»،«ئۇيغۇر ئېغىز ئەدەبىياتى قامۇسى» قاتارلىق200 دىن ئارتۇق كىتابنى ئوقۇپ بوپتۇ.
ھەتتا بەزى كىتابلارنى قايتا - قايتائوقۇپ چىقىپ، كۈندىلىك خاتىرە يېزىشنى
داۋاملاشتۇرىۋېرىپتۇ. مۇشۇ
كۈندىلىك خاتىرىلەر ئاساسىدا ئۆزى يازغان«دادام بەرگەن ھېيتلىق»ناملىق ھېكايىسى
«تارىم غۇنچىلىرى»
ژورنىلىنىڭ 2006-يىللىق 5-سانىغا بېسىلغاندىن كېيىن ئۇ تېخىمۇ ئىلھاملىنىپ، سىنىپ
كوللىكتىپى
تەسۋىرلەنگەن«دوستلۇق»ھەققىدە بىر بالىلار رومانىنى يېزىش ئۈستىدە ئىزدىنىۋېتىپتۇ.
مۇھەممەت ئېلى تەتىللىك
دەم ئېلىش كۈنلىرىدىن پايدىلىنىپ، كومپيۇتېردا خەت يېزىشنى، رەسىم چىقىرىشنى،
فىلىم كىرىشتۈرۈشنى، ئاۋاز
ۋە مۇزىكا بىر تەرەپ قىلىشنى ئۆگىنىۋاپتۇ. ئۇ2007-يىلى »1-ئىيۇن«بالىلار بايرىمىغا
ئاتاپ100مەشھۇر
شەخىسنىڭ سۆرىتى ۋە تەرجىمھالىنى كومپيۇتېردا ئۆزى لاھىيىلەپ چىقىپ، نەشىر
قىلدۇرۇۋاتماقچى بولۇۋېتىپتۇ. ئۇ
يەنە مۇستەقىل ھالدا«ئۇيغۇر تۇرمۇش يۇمۇرلىرى»دېگەن فىلىمنى .ئىشلەش ھەققىدە ئىزدىنىۋېتىپتۇ،ئۇ دادىسىنىڭ
ئوڭقانات ياردەمچىسىگە ئايلاندى. مۇھەممەت ئېلى ئۆتكەن يىلى10-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك 19-
باشلانغۇچ مەكتەپ بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن«مەشھۇر شەخىسلەرنىڭ ئىش - ئىزلىرى» توغرىسىدىكى نۇتۇق
سۆزلەش موسابىقىگە قاتنىشىپ 2-
دەرىجىلىك مۇكاپاتقا،2003-2004-يىللىرى ئۇدا 2يىل ئەدەپ ئەخلاق
ئۆسمۈرمۇكاپاتقا ئېرىشىپتۇ.ئۇنىڭ ئارزوسى كەلگۈسىدە ياخشى ئوقۇپ يازغۇچى،رېژىسسورۋە ئالىم بولماقچى
ئىكەن.
|