<%@LANGUAGE="VBSCRIPT" CODEPAGE="936"%> KUKTULPAR GUZAL SANAT MADINIYAT MULAZIMAT MARKIZI
     
چايخانا
|
|
|
|
|
|
كۆرگەزمىلەر
|
|
|
|
|
|
|
|
پىلاستىنكىلار
|
|
سۆزقالدۇرۇش
|
|
|
|
|
|
ئويمىچىلىق
|
تىككۈچىلىك
|
|
ئىجادىيەتلەر
|
مۇقام
|
 

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك
سەنئەت سۆيەر دوستلار!

------- «كۆكتۇلپار» گۈزەل - سەنئەت، مەدەنىيەت مۇلازىمەت مەركىزى-------

ئۈرۈمچى «كۆكتۇلپار» گۈزەل - سەنئەت، مەدەنىيەت مۇلازىمەت مەركىزى سىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.
ئۇيغۇر ناخشا- ئۇسسۇل ، مۇزىكا سەنئىتى ھىسياتىنىڭ تېرەنلىكى، ئاھاڭىنىڭ نەپىس، رەڭدارلىقى ۋە يېقىملىقلىقى، بەدئىي كامالىتى بىلەن ئەسىرلەر داۋامىدا ئۆزىنىڭ جۇشقۇن ھاياتى كۈچىنى نامايەن قىلىپ كەلدى. بۈگۈنكى دەۋرىمىزدە ئۇ تېخىمۇ ۋايىغا يىتىپ، مىللەت روھىنىڭ شەجەرىسى سۈپىتىدە تېخىمۇ يۈكسەك شۆھرەت قازانماقتا. مۇلازىمەت ئورنىمىز فوتوگىرافىيە سەنئىتىگە بىرلەشتۈرۈپ،1981- يىلى تۇنجى قېتىم تالانتلىق مۇزىكانت شىرمۇھەممەتنىڭ تەمبۇر بىلەن ئورۇندىغان «نىم پەدە» ، تالانتلىق ناخشىچى پەتتار رەھىمنىڭ ئىجراسىدىكى «مەپتۇن بولدۇم»، قادىر بايانىنىڭ ئاكاردىئون بىلەن ئورۇنلىغان تاتارچە ناخشا «سىگانۇچكا» ناملىق قاپلىق ئۈنئالغۇ لىنتىسىنى جامائەت بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرگەندىن كېيىن، سەنئەت سۆيەر دوستلارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا مۇيەسسەر بولدى. شۇنىڭدىن كېيىن 1990- يىلى 6- ئايدىن باشلاپ بىر قانچە ئون يىل ئىچىدە ئەل سۆيەر ناخشىچىلىرىمىزدىن پەرىدە مامۇت، ئايتىللا ئەلا، تۆمۈرخان روزى، ھېيتەم ھۈسەن، مۇھەممەت ئەھەت، مىھرىگۈل بورھان، گۈلى مۇخپۇل، نۇرى تۇرسۇن قاتارلىقلارنىڭ «تەڭرىتاغ بۇلبۇلى»، «ئۇيغۇر قىزى»، «ئايزۆھرە»، «قاباھ پەلەك»، «پەرزەنت ئىشقىدا»، «بىز تەكلىماكان ئادىمى»، «خاتىرەم بولسۇن»، «ئەشۋاي» ناملىق بىر يۈرۈش قاپلىق ئۈنئالغۇ لىنتىلىرىنى نەشىرگە تەييارلاپ، جامائەت بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈشتۈردى. شۇنىڭدىن كېيىن ئارقا - ئارقىدىن «سايرا مۇڭتار»، «سوۋغات»، « رەنجىمە يىگىت»، «كىرورەن گۈزىلى»، «يىغلىما قارا كۆز»، «نۇزۇگۇم»، «ئوماقىم»، «پارخور»، «ياخشىلىققا - يامانلىق» قاتارلىق 150 تىن ئارتۇق قاپلىق ئۈنئالغۇ لىنتىلىرىنى ئىشلەپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا مۇيەسسەر بولدى. مۇلازىمەت ئورنىمىز بۇنىڭ بىلەنلا قانائەتلىنىپ قالماستىن لازىرنۇرلۇق «VCD» سۆرەت پىلاستىنكىسىنىڭ دۇنياغا كىلىشى ۋە جەمئىيىتىمىزگە سىڭىپ كىرىشى، ئۇيغۇر ناخشا- مۇزىكىلىرىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە يۈكسەك سەنئەت پەللىسىدە تۇرۇپ تۇنۇشتۇرۇش، دوستلارغا مول ئىستىتىك لەززەت بېغىشلاش ئىمكانىيىتىنى ياراتتى. مانا مۇشۇ شەرەپلىك ۋەزىپىنى 1996- يىلى تۇنجى قېتىم مۇلازىمەت ئورنىمىزنىڭ مەسئۇلى، تالانتلىق فوتوگىراف تۇردى ئېلى ئەپەندى دادىللىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىپ، بىر يۈرۈش ئۇيغۇر ناخشىلىرىنى تاللاپ، يېڭىچە ئۇسلۇب - MTV (مۇزىكىلىق تېلىۋىزىيەسى) شەكلىدە «تەڭرىتاغ ناخشىلىرى» ناملىق ئۈچ قىسىملىق لازىرنۇرلۇق VCDسۆرەت پىلاستىنكىسىنى، نەشىرگە تەييارلاپ، شىنجاڭدىكى مەدەنىيەت بازارلىرىنىڭ ھاياتى كۈچىنىڭ يەنىمۇ يۈكسىلىشىگە تۆھپە قوشتى. تۇردى ئېلى ئەپەندىم، يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا 1998-يىلى تۇنجى قېتىم ئۆزى شەخسى مەبلەغ سېلىپ، تىلىۋىزىيە تىياتىرى‹‹دوزاخقا سەپەر››فىلىمىنى ئىشلەپ، مەركىزىتىلىۋىزىيە ئىستانسىسىدا ئېلان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ بىر قانچە يىل ئىچىدە بۇ ساھەگە مەبلەغ سېلىپ، مەدەنىيەت بازارلىرىنىڭ جانلىنىشىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان بىر قىسىم سەنئەت سۆيەر كارخانىچىلىرىمىز كۆپلەپ مەيدانغا كېلىپ، مەدەنىيەت زور قوشۇنى ھاسىل بولدى.تۇردى ئېلى ئەپەندى تېخىمۇ تىرىشىپ ئىزدىنىپ، ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ئىچىدىكى، بىر قىسىم ناخشىچى، مۇزىكانتلىرىمىزنى قېزىپ چىقىپ، ئۇلارنىڭ تەرەققى قىلىشىغا مەيدان، شارائىت ھازىرلاپ،كۆپلىگەن ئۇيغۇر ‹‹ناخشا چولپانلىرى››نى مەيدانغا كەلتۈردى.بۇ جەرياندا تۇردى ئېلى ئەپەندى ئۆزى سۆرەتكە ئېلىپ، رىژىسورلۇق قىلغان VCD , MTV پىلاستىنكىلىرىدىن‹‹خىجالەت دوقمۇشى››، ‹‹مەھلىيا››،‹‹زارلانغان يۈرەك››،‹‹مېيىپلار قەلبى››،‹‹بۇلاق بېشىدا››، ‹‹كۆرگۈم كېلۇر›› ناملىق 30دىن ئارتۇق ناخشا - مۇزىكا پىلاستىنكىلىرى ھەم ئۆزى بۇيرۇتۇپ يازدۇرغان، ئۆزى ئۆزگەرتىپ يازغان ۋە ئۆزى يازغان تىلىۋىزىيە تىياتىر ئەسەرلىرىدىن ئۆزى مۇستەقىل مەبلەغ سېلىپ، رىژىسورلۇق،ئوپىراتۇرلۇق قىلىپ ئىشلىگەن ‹‹ئۇ سېنىڭ داداڭ››، ‹‹ئادىمى ھايۋان››، ‹‹قارىسىنى ئۇشتۇش چېيى››، ‹‹ئورىنى كىم كولىسا،ئۆزى چۈشەر››، ‹‹بىر سىتودىنتنىڭ پاجىئەسى››، ‹‹دادىنىڭ جىنايىتى›› بالىلار فىلىمى ‹‹پەم›› قاتارلىق فىلىملەرنى ئىشلەپ جامائەت بىلەن يۈز كۆرۈشتۈردى. بۇ قېتىم ئەڭ يېڭى ئىشلەنگەن 4 قىسىملىق تىراگىدىيىلىك ھىكايە فىلىملەردىن ‹‹ۋاپاسىز خۇتۇننىڭ پاجىئەسى››، ‹‹سۆيگۈ ئوقى››، ‹‹قېرىنداشلىق مېھرى›› قاتارلىقلارنى نەشىرگە تەييارلىدى. پات ئارىدا جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرىشىدۇ.
يەنە يېقىندا ئۆزى يازغان سىنارىيە ئەسەرلىرىدىن ‹‹قىساسكار ئايال››، ‹‹ئۈچ ئەزىمەت››، ‹‹ئەزرائىلغا ئۆزگەرگەن ئادەم››، ‹‹ئەپچىلەمنىڭ كارامىتى››، ‹‹تورخانىدىكى مۇھەببەت ۋە جىنايەت›› ناملىق تىلىۋىزىيە فىلىملىرىنى سۆرەتكە ئېلىپ ئىشلەش ئۈچۈن تەييارلىق كۆرمەكتە. بۇ ساھەگە مۇستەقىل پىكىر يۈرگۈزۈپ، بىرلىشىپ ھەمكارلىشىشنى خالىغۇچىلار بولسا قىزغىن قارشى ئالىدۇ.

-------داۋامىنى كۆرۈش------

¹ƻ >
¹ƻ >

باش بەت |ئالاقىلشىڭ | توربەت يىتەكچىسى | توربېتىمىز ھەققىدە | دوستانەئۇلىنىش

ئۈرۈمچى »كۆكتۇلپار«گۈزەل-سەنئەت،مەدەنىيەت مۇلازىمەت مەركىزى
ئادىرس:خەلقاراچوڭ بازار6-بىنا1-قەۋەت مىللى مەدەنىيەت كارىدورى ئىچىدە6111-6112-6Aنومۇرلۇق دۇكان
مەسئۇلى:تۇردى ئېلى
تىلفۇن نومۇرى:13999815436
---------------------بەت لايھەلىگۈچى:Uyghur@yolbax.com--------------------